UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئاخىرەتتىن كەلگەنلەر

ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، تۇردى سامساق يازغان رومان بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985 - يىل 7 - ئايدا نەشر قىلىنغان. ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپقان بۇ روماننىڭ 1 - قىسمىدا گۈلقىز، سادىق قاتارلىق قەشقەر ياشلىرىنىڭ ئارابلىق سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى زۇلۇم - زورلۇقلار، خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى، مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر جانلىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن؛ 2 - قىسمىدا <ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانى> غا ئالدىنىپ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە چىققاندا گومىنداڭ ئەسكەرلىككە تۇتۇۋالغان ئابدۇراخماننىڭ جاپالىق سەرگۈزەشتىلىرى، ئۇنىڭ مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتۈپ، ئازادلىق ئۈچۈن قىلغان قەھرىمانانە كۈرەشلىرى تەسۋىرلىنىپ، شىنجاڭنىڭ 40 - يىللاردىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقى، بولۇپمۇ ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيسىنىڭ ھەققانىي پائالىيەتلىرى خېلى جانلىق سۈرەتلەنگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى