ئويغانغان زېمىن 2
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تارىخىي رومانى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 - يىل 12 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا 30 - يىللارنىڭ بېشىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داۋامى، راۋاجى ۋە ئاقىۋىتىدىن تارتىپ تاكى 40 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىلى ۋادىسىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلىغانغا قەدەر بولغان ئۇزاق ۋە مۇرەككەپ بىر تارىخىي دەۋر ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. روماندا خوجىنىياز ھاجى ئاساسلىق پېرسۇناژ قلىنىپ، ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى، جۈملىدىن جەنۇبقا قىلغان ھەربىي يۈرۈشى، مۇشۇ جەرياندىكى پائالىيەتلىرى، شۇ ۋەقىتتىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي - ھەربىي ساھەسىدە ناھايىتى مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدىغان شېڭ شىسەي، ماجۇڭيىڭ ۋە سابىت داموللىلار بىلەن بولغان سياسىي - دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار يېزىلغان بولۇپ، بۇ راماننى شۇ دەۋرنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت بىلەن يېزىلغان بەدىئىي تارىخى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى دېيىش مۇمكىن.