UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىمۇللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە

مۇللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، خېۋىر تۆمۈر يازغان تارىخىي بىئوگرافىك قىسسە بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1 - قىسمى 1981 - يىلى 11 - ئايدا، 2 - قىسمى 1991 - يىلى 4 - ئايدا نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زاماندا ئۆتكەن داڭلىق خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدىننىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى، جۈملىدىن خەلق ئاممىسى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان يۇمۇر - قىزىقچىلىقلىرىنى ئاساس قىلىپ، تارىخقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بەدىئىي جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىپ يېزىلغان بۇ قىسسەدە موللا زەيدىن ياشىغان دەۋردىكى ئومۇمىي كەيپىيات چىڭ تۇتۇلۇپ، موللا زەيدىننىڭ خەلقپەرۋەرلىكى ئالاھىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى