UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىچاقماق

چاقماق

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ رومانى بولۇپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1986 - يىل 10 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا 1920 - يىلدىن 1945 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى نامرات دېھقانلار بىلەن فېئودال بەگ، باۋ جاڭ ۋە شەيخ - ئىشانلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن سىنپىي كۈرەش ئاساسىي تېما قىلىنغان. رومان نامرات بوزچى ھاشىم قارىقاشنىڭ قىزى جەمىلە بىلەن تىجارەتچى يىگىت مەخمۇتنىڭ بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىشى بىلەن باشلىنىدۇ. ھېيتەم، جامالىدىن موللا قاتارلىق نامرات دېھقانلار جەمىلە بىلەن ماخمۇتنىڭ ھايات ۋە مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا فېئودال بەگ، شەيخ - ئىشانلارنىڭ زۇلىمىغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرىدۇ. روماندا ئىككى خىل ئادەم، ئىككى خىل كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن قارىمۇقارشىلىقلار، ئەزگۈچىلەرنىڭ چىرىكلىكى، ھىيلە - مىكىرلىك قىلمىشلىرى، سۇيقەستلىرى پاش ۋە تەنقىد قىلىنغان؛ ھېيتەم، مەخمۇت، جامالىدىن موللا قاتارلىق باتۇر، ئەقىللىق نامرات دېھقانلارنىڭ ھەر قانداق زۇلۇم - زورلۇققا باش ئەگمەستىن، ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىشتەك خاراكتېر - ئوبرازى گەۋدىلەنگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى