UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىمۇھەممەت فەيزى

مۇھەممەت فەيزى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى مۇھەممەت فەيزى 1909 - يىلى قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ خانئېرىق ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئاتىسى موللا ئاخۇن ھاجىم ئۆز زامانىسىنىڭ ئاتاقلىق مۇدەررىسلىرىدىن بولۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى. مۇھەممەت فەيزى ئىنىسى ئەھمەد زىيائى بىلەن بىرلىكتە ئاتىسىنىڭ قولىدا بىلىم ئالىدۇ. 1920 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرى قەشقەر شەھىرىدە چاھارسۇ مەدرىسەگە ئوقۇشقا كىرىپ، مامۇت ئاخۇن داموللام، شەمشىدىن داموللام، زىرىف قارىي ھاجىم قاتارلىق شۇ دەۋرنىڭ نوپۇزلۇق مۇدەررىس، ئالىملىرىدىن دەرس ئېلىپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىدۇ ۋە تۈركىي، خەلقلەر ئارىسىد نامى مەشھۇر بولغان ئالىم مۇسا جارۇللانى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالىدۇ. ئۇ شۇ يىللاردا شەرىئەت ئىلمى، تىل - ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە قاتارلىق ئىلمىنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى بويىچە يۇقىرى مەلۇماتقا ئېرىشىدۇ. ئىلىم ساھەسىدىكى مۆتىۋەر ئۇستازلار ئۇنى <ئىقتىدارلىق ياش ئالىم> دەپ ئاتىشىدۇ. مۇھەممەت فەيزى تۈركىي تىللاردا ۋە ئەرەب، پارس تىللىرىدا يېزىلغان ئەدەبىي، ئىلمىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئوقۇش بىلەن بىرگە، چوڭقۇر مۇتالىئە قىلىپ، ئەرەب، پارس تىللىرى ۋە بۇ تىللارنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەققىدىكى بىلىمىدە كامالەتكە يېتىدۇ. ئۇ بىر ئەرەب تىلى مۇتالىئە سورۇنىدا:<ئەرەب تىلىنىڭ سەرپ، نەھۋىسى (گرامماتىكا ۋە سنتاكسىسى) دۇنيادىن پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى قايتىدىن ئەينەن تۇرغۇزۇپ چىقالايمەن> دەيدۇ. ئۇ چاھارسۇدىكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ساقىيە مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىپ، تالىپلارنى ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1937 - يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، بىر قانچە يىل تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. قويۇپ بېرىلەندىن كېيىن، قەشقەردە مائارىپ ئىدارىسى، ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا كاتىپلىق خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. مۇھەممەت فەيزى 50 - يىللاردا كېيىنكى ھاياتىنى ئاساسەن ئائىلە شارائىتىدا ئەدەبىي - ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا كىشىلەرگە ئارىلىشىشنى خالىماي، مەدرىسە ھۇجرىسىدا ئىستىقامەت بىلەن يەككە يېگانە ھايات كەچۈرۈپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ. مۇھەممەت فەيزى ھايات پائالىيىتىدە <ئەقىدىلەر گۆھىرى>، <شېرىن سۆزلەر> قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋە ھەر خىل ژانىردىكى كۆپلىگەن نادىر شېئىرلارنى يازىدۇ. ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ سەككاكىنىڭ <مۇھتاھۈل ئۆلۈم> (ئىلىملەر ئاچقۇچى) ناملىق ئەسىرىنى تۇنجى قېتىم ئەرەبچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىدۇ. مۇھەممەت فەيزىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتىدە ئەرەب تىلىدا يېزىلغانلىرى چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شائىرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يازغان شېئىرلىرى بەدىئىيلىك جەھەتتە ئەرەب تىلىدا يازغان شېئىرلىرىدىن خېلىلا تۆۋەن تۇرسىمۇ، دۇنيا قارىشىدىكى ئىلغارلىقنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇھەممەت فەيزى شائىر، تەرجىمان بولۇپلا قالماستىن، ئاتاقلىق خەتتات. ئۇ تەرجىمە قىلغان <مۇھتاھۈل ئۆلۈم> ئەينى يىللاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىختىيارىغا ئېلىنغان. مۇھەممەت فەيزىنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن كۆچۈرۈلگەن <مۇھتاھۈل ئۆلۈم> خەت نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، تەرجىمىسىنىڭ كامالىتى بىلەن تارىخىي قوليازما سۈپىتىدە ھازىرغا قەدەر ساقلانماقتا.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى