ئابدۇرېھىم ئەيسا
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئابدۇرېھىم ئەيسا 1909 - يىلى قازاقىستاندىن ئالمۇتا ئوبلاستىغا قاراشلىق ئۇيغۇر رايونىنىڭ غالجات يېزىسىدا تۇغۇلىدۇ. ئۇ غالجات يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، كېيىن ئالمۇتىغا بېرىپ زاراۋات ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. 1928 - يىلى ئائىلىسى بىلەن ئىلى ۋىلايەت چاپچال ناھىيىسىدىكى يۇقىرى جاغىستاي يېزىسىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقنى ئويغىتىش، پەننىي مەكتەپ ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1933 - يىلى جاغىستايدىكى ھېزىزەم ئاخۇن ئوقۇتقان 32 ئوقۇغۇچىدىن بىر سىنىپ تەشكىل قىلىپ، مەخسۇس پەننىي دەرس ئۆتىدۇ. 1934 - يىلى جاغىستايدا قۇرۇلغان ئالتە سىنىپلىق بىرلىك مەكتەپكە مۇدىر بولىدۇ.
ئابدۇرېھىم ئەيسا 1935 - يىلى غۇلجا شەھىرىگە يۆتكىلىپ كىرىپ ئۈمىد مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، 1936 - يىلىدىن 1937 - يىلىغىچە ئىلمىي مۇدىر، 1937 - يىلىدىن 1941 - يىلىغىچە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئابدۇرېھىم ئەيسا ئەينى چاغدا مەرىپەتپەرۋەر زات، مەكتەپ ئاتىلار كومىتېت ئەزاسى ئابدۇللا خەمىدىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 1941 - يىلى ئۈمىد مەكتەپنىڭ نوۋىگوردتىكى 2 - شۆبە مەكتىپىنىڭ ئورنىدا خانىم - قىزلار ھۈنەر مەكتىپىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە بۇ مەكتەپكە ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئايالى مۇنجىيە خانىم مەسئۇل بولىدۇ. ئابدۇرېھىم ئەيسا 1942 - يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ، قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە خىزمەت قىلىدۇ. 1943 - يىلىدىن 1945 - يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى يەر ئاستى ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ ۋە شېڭ شىسەي، گومىنداڭ تۈرمىلىرىگە قامىلىدۇ. 1946 - يىلى 11 بىتىمگە ئاساسەن تۈرمىدىن چىقىپ، ئاقسۇدىكى سايلام ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئىلىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئىلىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى، «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نىڭ باش كاتىپى بولغان ئابدۇرېھىم ئەيسا ئىنقىلاب جەريانىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1 - دەرىجىلىك ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ۋالىيسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولىدۇ.
1958 - يىلى شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئوڭچىلار ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى داۋامىدا، ئابدۇرېھىم ئەيسا جاھىللىق قىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.