UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم

ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى مەشھۇر مۇئەررىخ، مەرىپەتپەرۋەر ئالىم قۇتلۇق ھاجىم (شەۋقى) نىڭ ئوغلى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم مىلادىيە 1900 - يىلى (ھىجىرىيە 1318 - يىلى) 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قەشقەر شەھەر ئىچى قازانچى كوچا مەھەللىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. يەتە ياشقا كىرگۈچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنجان كوچىسىدىكى ناتىۋان خەلپىتىم ھاجىم، ناسىر ئاخۇن خەلپىتىملەر ئاچقان مەھەللىۋى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، خەت ساۋاتىنى چىقىرىدۇ، مىلادىيە 1914 - يىلى قەشقەر ھېيتگاھا جامەسىدىكى مەدرىسەگە ئوقۇشقاق كىرىپ، بىر تەرەپتىن سابىر ئاخۇن مەخدۇمدىن پىققە ئىلىمنى ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتىسى قۇتلۇق ھاجىم (شەۋقى) دىن تارىخ ۋە ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە مەخسۇس تەربىيە ئالىدۇ. مىلادىيە 1922 - يىلى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىمنىڭ ئائىلىسى قەشقەر يېڭىشەھەر ئارا باغ مەھەللىسىگە كۆچۈپ چىقىدۇ. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم ئارا باغدىكى مەشھۇر مۇدەررىس ئەمەت ئاخۇن خەلىپەمنىڭ ھۇزۇرىدا 14 يىل ئوقۇپ، ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئۆگىنىدۇ. 1933 - يىلى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم قەشقەر كونىشەھەر ناھىيسىنىڭ مەھكىمە شەرئىسىگە قازى بولىدۇ. بۇ قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ تۈرتكىسىدە پۈتۈن ئۆلكىدە تىنچلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ئۈچۈن بولغان كۈرەش سادالىرى ئەۋجىگە چاغ ئىدى. بۇ چاغدا ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم ئاتىسى قۇتلۇق ھاجىمنىڭ گېزىتچىلىك پائالىيىتىگە يېقىندىن ھەمكارلىشىدۇ. 1937 - يىلى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى قۇتلۇق ھاجىمنى قولغا ئالغاندا، ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىمنىمۇ بىللە قولغا ئالىدۇ. قۇتلۇق ھاجىم (شەۋقى) شۇ يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا تۈرمىدە ۋاپات بولىدۇ. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىمنى بوشىتىدۇ. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن 1946 - يىلىغىچە داۋاملىق قازىلىقنى قىلىدۇ. 1947- يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىدىن جاڭ جىجۇڭ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار خەلقچىللىق، دېموكراتىيىنىڭ ئىزچىللىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەندە، قەشقەر خەلقى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زورلۇق - زۇمبۇلۇقلىرىغا قاتتىق نازارىلىق بىلدۈرۈپ، زور كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزىدۇ. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىممۇ نامايىشقا قاتنىشىپ، جاڭ جىجۇڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ ئىنقىلابىي زىيالىيلارغا قىلغان زىيانكەشلىكى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ. گومىنداڭنىڭ قەشقەردىكى ھەربىي، مەمۇرىيلىرى جاڭ جىجوڭ كېتىشى ھامان ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىمىنىڭ قازى ھاجىمنىڭ قازىلىق مۆھۈرىنى تارتىۋېلىپ، قازىلىقتىن مەھرۇم قىلدۇ ھەم بىتىم بۇزۇلۇشى بىلەن ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىمنى «ئۈچ ۋىلايەت تەرەپدارلىرىغا يان باسقان» دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئالىدۇ. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم گومىنداڭ تۈرمىسىدە بىر يېرىم يىل ياتقاندىن كېيىن تۈرمىدە بوشىنىپ، 1952 - يىلىغىچە قازىلىقىنى قىلىدۇ. 1952 - يىلى ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ قازىخانا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. مەدەنىيەت زور ئىنقلابى جەريانىدا پارتىيىنىڭ بىرلىك سەپ سىياسىتىمۇ تۆت كىشلىك تۆت كىشىلىك گۇرۇھنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرايدۇ. 1966 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم «نەق ئەكسىلئىنقىلابچى» دەپ قولغا ئېلىنىپ، 14 يىل تۈرمىدە ياتىدۇ. 1978 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىممۇ ئاقلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى سۈپىتىدە پارتىيىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىدۇ. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىمنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى 1930 - يىللاردىن تارتىپ باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئاساسەن ئەدەبىيات ۋە تارىخ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم ھايات ۋاقتىدا ھەر خىل تېمىدا200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە «قەمەرسىما»، «تاھىر - زۆھرە»، «مېھرى سەھرا چىغاندا باتۇر»، «نۇر ئەبزا خېنىم ۋە بەختىيار باتۇر» ناملىق 20000 مىسرادىن ئارتۇق بەش داستان يازىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا تاتىۋېلىنىپ يوقىلىدۇ. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىمنىڭ چوڭراق ھەجىمدىكى يىرىك ئەسەرلىرىدىن بىرى «تارىخىي ئەسەر ۋاقىئاتى كەشغەر» دۇر ( بۇ ئەسەرنى قۇتلۇق ھاجىم شەۋقى باشلىغان بولۇپ، ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم ئاتىسىنىڭ يازمىشىنى داۋاملاشتۇرغان). 600 بەتكە يېقىن ھەجىملىك بۇ تارىخىي ئەسەردە تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ پەيدا بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىشىدىن تارتىپ تاكى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلقتىكى شىنجاڭ ھەم قەشقەر رايونىدا قۇرۇلغان خانلىق ۋە ھاكىمىيەتلەر، بۇ خانلىق ۋە ھاكىمىيەتلەر دەۋرىدە بولۇپ ئۆتكەن زور سىياسىي، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر،قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرى، ھەر قايىسى خانلىق ۋە ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرغان ھۆكۈمدارلارنىڭ نەسەبنامىلىرى، ئاتاقلىق شەخسلەر ھەم ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى، خەلقنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش، مەدەنىيەت، ھۈنەر - سەنئەت ئەھۋالى، غەللە - پاراق، ئالۋان - ياساق، باج تۈزۈملىرى، جاي ئىسىملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، مەسچىت، مەدرىسە، مۇھىم مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ بىنا بولۇش، كۆل - ئۆستەڭلەرنىڭ چېپىلىش تارىخى، چەت ئەل جاھانگىرلىرىنىڭ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى، چەت ئەل كونسۇلخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئىنتايىن تەپسىلىي، كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە بايان قىلىنغان. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم موللا سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم - موللا مۇھەممەت سادىق قەشقەرى تەرىپىدىن ھەزرىتى موللام مازىرىغا ۋەخپە قىلىنغان «مەسنەۋى شېرىن» كىتابنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە قوشۇپ جەملەنگەن ۋەخپە قىلىش ھەققىدىكى ھۆججەتنى تېپىپ چىقىپ، مەھمۇد قەشقىرى مازىرىنىڭ ئېنقلىنىشىدا زور خىزمەت كۆرسەتكەندىن باشقا، يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھايات پائالىيىتىگە ئائىت «قەلىمى قۇرئان»، «بەھرىل ئەنساپ» قاتارلىق ماتېرىياللارنى تېپىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرىدۇ. ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم 1985 - يىلى ھەج تاۋاپقا بارغاندا ئىسسىق ئۆتۈش كېسىلى بىلەن ئاغرىپ، مەككە مۇكەررەمدىكى پايسال دوختۇرخانىسى كۆڭۈل قويۇق داۋالىغان بولسىمۇ ئۈنۈم بەرمەي، شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ۋاپات بولىدۇ. 7 - چېسلا شۇ يەردە دەپنە قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى