UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئاتا

ئاتا

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، زۇردۇن سابىرنىڭ رومانى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپدىن 1994 - يىلى 4 - ئايدا نەشرقىلىنغان. روماندا، مەلۇم ناھىيدىكى ئىجتىمائىي ئورنى، تەسىرى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەممىدىن يۇقىرى بولغان ھاجىم ئائىلىسىنىڭ، تېخىمۇ توغرىراقى ھاجىم جەمەتىنىڭ تۇرمۇشى، مۇناسىۋەتلىرى، ھەر خىل سىياسىي - ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى جانلىق، تەسىرلىك، تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى ئارقىلىق يېزىلغان بولۇپ، رومان ۋەقەلىكى، روماندىكى پېرسۇناژلار ئارقىلىق دەرۋرىمىز رېئاللىقى، مۇشۇ دەۋر كىشلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشى، روھىي دۇنياسى، ياخشىلىقلىرى ۋە ئىللەتلىرى كۆپ تەرەپلەردىن بەدىئىي يوسۇندا سۈرەتلەنگەن. كۆرۈنۈشتە شۇنچە مۇستەھكەم، شۇنچە ئىتتىپاق، شۇنچە تەسىرى چوڭ بۇ جەمەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدا تۈگىمەس زىددىيەتلەر، ھەتتا قارىمۇقارشىلىقلار، پەسكەشلىكلەر ھەمدە ياخشىلىق، رەزىللىك بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. جەمەت باشلىقى ھاجىم بۇ جەمەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەسىرىنى كۈچەيتىش، ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ھاجىمنىڭ تىرىشچانلىقى بەزىدە رول ئويناپ، بەزىدە نەتىجىسىز بولۇپ چىقىدۇ. روماندا ھاجىم، تۇردى كېرەم، قاسىم قۇربان، ئابلا يانتاق، نەمرۇت، قۇددۇس، گۈلناز، مۇللا سوپى قاتارلىق پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازى ناھايىتى جانلىق يارىتىلغان، ئۇنىڭ ھەممىسى تىل، خاراكتېر جەھەتلەردە روشەن خاسلىققا ئىگە قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئاتا | UyghurWiki | UyghurWiki