توي چاچقۇسى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈزۈپ چىققان، 1985 - يىل 2 - ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. توپلامغا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشق مىللەت شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن ئەلقەم ئەختەم، تېيىپجان ئېلىيوپ، ئابدۇكېرىم خوجا، ئابلىز نازىرى، ئەھمەد زىيائىي، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تۆمۈر داۋامەت، ئىمىن تۇرسۇن قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. توپلامغا يەنە يۇقىردىكى ئاپتورلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ۋە سۈرىتى بىرىلگەن.