UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىتوختى ھاجىم

توختى ھاجىم

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى توختى ھاجىم قەشقەردىكى نوپۇزلۇق بايلارنىڭ بىرى بولغان تۇردى ھاجىنىڭ ئوغلى. ئۇ 1908 - يىلى قەشقەر شەھەر قىزىل دۆۋە مەھەللىسىدە تۇغۇلىدۇ. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە، موللا خەلپەتتە دىنىي بىلىم ئالىدۇ. كېيىن پەننى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1924 - يىلى دادىسىنىڭ سودا خادىملىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ سودا قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. ئاشۇ يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدا كەچ كۇرسىدا ئوقۇيدۇ. توختى ھاجى تۇردى ئاسىيادا بولغان مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىدۇ. ئۇ مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇڭا، قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، قەشقەر قىزىل دۆۋىدىكى ئۆز زېمىنىدىن 30 مودىن ئارتۇق يەر ئاجرىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى مەكتەپلەر پاسونىدا ئاستى - ئۈستى تاختايلىق قىلىپ ئالتە سىنىپ، ئىككى ئىشخانىلىق مەكتەپ سالىدۇ. مەكتەپكە 200 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، مەكتەپنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. كېيىن سىنىپ سانىنى كۆپەيتىپ، ئۈچ قىزلار سىنىپى تەسىس قىلىدۇ. تەنتەربىيە مەيدانى ياسىتىپ، ھەرخىل چېنىقىش ئەسلىھەلىرى ئورنىتىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ قەشقەردىكى نوپۇزلۇق ئائىلىدە چوڭ بولغاچقا، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ زامانغا نىسبەتەن ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلاردىن بولغاچقا سىياسىي قاينامغا كىرىپ قالىدۇ ۋە 1937 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى (جۈمە بىلەن شەنبە ئارىلىقىدا) مەھمۇت مۇھىتى (مەھمۇت سىجاڭ) بىلەن بىللە چەت ئەلگە چىقىپ كېتىدۇ. ئۇلار ھىندىستان، تۈركىيە قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ ياپونىيەگە بارىدۇ. كېيىن بېيجىڭگە قايتىپ كېلىدۇ. توختى ھاجى 1944 - يىلى مەھمۇت مۇھىتى بېيجىڭدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ياپونىيەگە كېتىدۇ. ئۇ ياپون ئايالغا ئۆيلىنىپ، بالىلىق بولىدۇ. 1965 - يىلى 57 يېشىدا ياپونىيەدە ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى