ئىز
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يازغان تارىخىي رومان بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985 - يىل 1 - ئايدا نەشر قىلغان. رومان مۇقەددىمە، 28 باب ۋە خاتىمىدىن تەركىب تاپقان. روماندا 1910 - يىللاردا قۇمۇلدا پارتىلغان دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە قوزغىلاڭنىڭ ئاسالىق رەھبىرى بولغان تۆمۈر خەلپىنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. ئاپتور بۇ روماندا قوزغىلاڭنىڭ پارتىلىشىدىكى ھەر خىل سەۋەبلەر، قوزغىلاڭنىڭ پارتىلاش ۋە ئېلىپ بېرىلىش جەريانىنى، تۆمۈر خەلپە قاتارلىق قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ، شۇنداقلا باشقا قوزغىلاڭچىلارنىڭ باتۇر، قەيسەر روھىنى، قوزغىلاڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئىجتىمائىي - پىسخىك سەۋەبلەرنى ناھايىتى جانلىق، تەسىرلىك سۈرەتلەپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنى كۆرسىتىپ بەرگەن. روماندا تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي توقۇلما، ئىدىيۋى مەزمۇن بىلەن بەدىئىيلىك، ئۆتمۈش بىلەن رېئاللىق ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن.