UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىنىغمەت مىڭجان

نىغمەت مىڭجان

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى نىغمەت مىڭجان 1922 - يىلى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۆچەك ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيىسىدە چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تولى ۋە چۆچەكتە ئوقويدۇ. 1941 - يىلى ئۆلكىلىك ساقچى ئوفىتسېرلار مەكتپىىنى پۈتتۈرۈپ 1948 - يىلىغىچە ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلەيدۇ. 1948 - يىلىدىن 1949 - يىلى 9 - ئايغىچە قانۇن پالاتاتىسىنىڭ ئەزاسى، سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولىدۇ. شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازات بولغاندىن كېيىن يېڭى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقارما باشلىقى، مىللەتلەر نەشرىياتى قازاق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. 1979 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىسىيىسى تىل ئىنىستىتوتىدا تەتقىقات ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كېيىن بۇ ئىنستىتوتنىڭ ئورۇنباسار باشلىقى ئاپتونۇم رايونلۇق 4 -، 5 - قېتىملىق، مەملىكەتلىك 7 - قېتىملىق سىياسىي مەسىلىھەت كېڭەشنىڭ ئەزاسى ۋە دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولىدۇ. نىغمەت مىڭجان قازاق خەلقىنىڭ ئالىمى، ئۇ قازاق تىلى، تارىخىي، فولكلورىنى تەتقىق قىلىش، يېزىش، تەرجىمە قىلىش ساھەسىدە نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرىدۇ. ئۇ «قازاقنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «قازاق تىلىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «قازاق تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، «قازاق شەجەرىسى توپلىمى»، «قارلىغاچ» (رومان) قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرىدۇ. ئۇ خەنزۇ، تۈرك، رۇس تىللىرىنى ياخشى بىلىدۇ، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «سۇ بويىدا»، «غەربكە ساياھەت»، «لۇشۈن ئەسەرلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق كىتابلارنى خەنزۇچىدىن قازاقچىغا تەرجىمە قىلىشقا قاتنىشىدۇ. ئۇ تەرجىمە، تەتقىقات ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكتىن، 1985 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا «ئىلىم - پەن خادىمى» دېگەن نام بېرىلىدۇ. نىغمەت مىڭجان 1986 - يىلى تۈركىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىلمىي لېكسىيە ئوقۇيدۇ. 1989 - يىلى خارۋاد ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكىدا، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىلمىي مۇھاكىملەردە بولىدۇ. 1993 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى