مۇھەممەتخان پالتا
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
مۇھەممەتخان (گاچا) ماشىنىچى 1876 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە تىككۈچى پالتا ئاخۇن ئۇستا ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. بىر مەزگىل دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان كېيىن دادىسىغا ياردەملىشىپ تىككۈچىلىك ئىشىغا قارىشىپ، ماشىنىچىلىقنى ئۆگىنىدۇ. 1916 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىش ئىزلەپ چىقىپ، تاشكەنت، موسكۋا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگىچە بېرىپ، ئۇيغۇرلار ۋە گورزىيۇن ئۇستىلارنىڭ دۇكىنىدا بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن كەسىپ ئۆگىنىدۇ. شۇ مەزگىلدە، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە تاشكەنتتە قۇرۇلغان چەت ئەل مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىغا قاتنىشىدۇ.
مۇھەممەتخان پالتا 1922 - يىلى قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ دۇكان ئېچىپ ماشىنىچىلىق قىلغاچ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭىلىقلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ.
ئۇنىڭ ماشىنىچىلىق دۇكىنى دەسلەپ چەت ئەل كونسۇلى خادىملىرىنىڭ كىيىم تىكتۈرۈش دۇكىنىغا ئايلىنىدۇ. بارغانسېرى ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرقتە سودا تىجارەت قىلغان، ئوقۇغان ۋە ساياھەت قىلىپ قايتقان ئۇيغۇلارمۇ ئۇنىڭغا كىيىم تىكتۈرۈشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دۇكىنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭ بويىچە تۇنجى زامانىۋى كىيىم تىكىش كارخانىسى بولۇپ قالىدۇ.
مۇھەممەتخان ئۇستامنىڭ كېيىنكى ھاياتى تىنچ ئۆتمەيدۇ. ئۇنىڭ قەشقەر رايونىدا ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئىلغار پائالىيەتلىرى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنى ئەندىشىگە سالىدۇ. نەتىجىدە 1941 - يىلىدىن 1946 - يىلىغىچە تۈرمىگە قامىلىدۇ. 1947 - يىلى 11 ماددىلىق بېتىم بۇزۇلغاندا يەنە قولغا ئېلىنىپ، 1949 - يىلى 2 - ئايدا قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۇ ئازادلىقتىن كېيىنلا بەختىنى تېپىپ، 1950 - يىلىدىن 1956 - يىلىغىچە قەشقەردە تەمىنات - سودا خەلق كوپىراتسىيىنىڭ قارىمىقىدا 300 كىشلىك ماشىنىچىلىق كارخانىسى قۇرۇپ، كۆپلەپ شاگىرت يېتىشتۈرىدۇ. 1960 - يىلى 84 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.