بىسى يانغان شەمشەر
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، زۇلپىقارنىڭ پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1992 - يىل 1 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا <بىسى يانغان شەمشەر> ۋە <بولۇمسىز ئەر> دېگەن ئىككى پوۋېست كىرگۈزۈلگەن. <بىسى يانغان شەمشەر> ناملىق پوۋېسىتتا دەۋرىمىزدىكى نامۇۋاپىق ئىش - ھەرىكەتلەرنى تەنقىد قىلىشنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئابلەتتىن ئىبارەت بىر دادىل ئىسلاھاتچىنىڭ ئوبرازى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان.