UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىچۆل ئوغلى

چۆل ئوغلى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ پوۋېستى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1993 - يىل 6 - ئايدا نەشر قىلغان. پوۋېستتا چۆل ئوغلى سالامنىڭ بىر قاتار سەرگۈزەشتىلىرى ناھايىتى جانلىق، تەسىرلىك، چىن بايان قىلىنغان. يازغۇچى سالامنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق، ئاتا - ئانا مېھرىدىن ئايرىلغان نارەسىدە بالىنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنىپ، ئائىلە، ئەخلاق، مەجبۇرىيەت مەسىلىسىنى ئىپادىلىگەن، تېخىمۇ مۇھىمى سالامغا تۇرمۇشتىن، كىشلەردىن كەلگەن ھەر خىل ئازابلار بىلەن تەبىئەتتىن، ھايۋانلاردىن كەلگەن خۇشاللىق - بەختنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسىتىپ، مەلۇم پەلسەپىۋى ئىدىيىنى ئىپادىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى