بىزنىڭ تىلەك
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، 1981 - يىل 3 - ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. توپلامغا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ۋاپات بولۇپ كەتكەن زەينىدىن سالىيوۋ، ئابدۇھېلىم روزى، قادىر تېيىپ، مۇھەممەت رۇزى، نىياز نۇرۇللا، روزى قاسىم، مەلىكە زىياۋۇدۇن قاتارلىق شائىر ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى، ئۇلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى كىرگۈزۈلگەن.