UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىقۇملۇقنىڭ چۈشى

قۇملۇقنىڭ چۈشى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، خالىدە ئىسرائىلنىڭ پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992 - يىل 6 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <قۇملۇقنىڭ چۈشى>، <ئۇ كۆزلەر>، <رەڭدەر قۇيۇن>، <باھاردا ياغقان قار> قاتارلىق تۆت پوۋېستى كىرگۈزۈلگەن. ئاساسەن ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا بېغىشلانغان بۇ ئەسەرلەردە ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى ئاياللارنىڭ ئوبرازلىرى يارىتىلغان، يازغۇچىنڭ ئاياللارنىڭ ئورنى، ئاياللارنىڭ ھوقۇقى، ئاياللار مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرى بەدىئىي يۇسۇندا ئىپادىلەنگەن.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى