UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىكۆڭۈل

كۆڭۈل

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، ئابدۇراخمان قاھار يازغان رومان بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1995 - يىل 3 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماننىڭ ۋەقەلىكى تۇرمۇش رېئاللىقىدىن ئېلىنغان بولۇپ، روماندا قەدىرىيە، سەبىھە، زامانىدىن، نۇرزات قاتارلىق ياشلارنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرى بايان قىلىنغان. قەدىرىيە بىلەن سەبىھە ئاق كۆڭۈل، خوش چاقچاق دېھقان يىگىتلىرى - زامانىدىن، نۇرزاتلار بىلەن مۇھەببەت باغلايدۇ ھەم مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈشكە ئەھدە قىلىشىدۇ، لېكىن قەدىرىيەنىڭ ئاپىسى لەھەلبۈۋى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كۆڭۈلسىز كۈنلىرىنى ۋاستىلىك ھالدا زامانىدىندىن كۆرۈپ، قىزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. سەبىھەنىڭ ئاپىسىمۇ قىزىنىڭ نۇرزات بىلەن توي قىلىشىغا قوشۇلمايدۇ. مانا مۇشۇ سەۋەبلىك بۇ تۈركۈم ياشلار نۇرغۇن مۇھەببەت - تۇرمۇش كۆڭۈلسىزلىكلىرىنى تارتىدۇ، سەبىھە خورلۇققا چىدىماي ئۆلۈپ كېتىدۇ. رماندا مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم تراگېدىيلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن، شۇنداقلا تۇرمۇش قارىشىمىز، ئەخلاق چۈشەنچىمىزدىكى ناچار ئىللەتلەر پاش قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى