قارلىق تاغ شەجەرىسى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ شېئىرىي شەكىلدە يازغان تارىخىي قىسسىسى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1987 - يىل 7 - ئايدا نەشر قىلغان. قىسسىدە 40 - يىللاردىكى قۇمۇل خەلقىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ھەر خىل قىينچىلىقلارنى يېڭىپ، زالىملار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ ۋە بەزىدە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى يوقاتماي ياشىغان سەرگۈزەشتىلىرى ئەينى دەۋر رېئاللىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىپادىلەنگەن.