UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىبىلىم ئىشقىدا

بىلىم ئىشقىدا

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1983 - يىل 2 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدىننىڭ <بىز غۇنچىلار> قاتارلىق شېئىرلىرى، ماھمۇت زەيىدىنىڭ <ئېلىمدە گۈللەيدۇ ياشلىق گۈلشىنى> قاتارلىق شېئىرلىرى، مۇھەممەت روزىنىڭ <ئالما ۋە رەسىم> قاتارلىق شېئىرلىر، ئۇنىڭدىن باشقا ھوشۇر ئېلى، ئىبراھىم مۆمىن، نەيىم يۈسۈپ، ھەسەن تىلىۋالدى، ئابابەكرى ئەمەت قاتارلىق شائىرلارنىڭمۇ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ شېئىرلار بالىلارغا بېغىشلانغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى