UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىمېھرىگىياھ

مېھرىگىياھ

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، جالالىدىن بەھرامنىڭ رومانى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1988 - يىل 5 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا ئوقۇتقۇچىلار ھاياتى تېما قىلىنغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياش ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنىدۇ. ئۇ، تاغلىق يېزىنىڭ جاپالىق شارائىتى، خەلقنىڭ ئاڭسىز، نادانلىقىغا قارىماي جاپاغا چىداپ، ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە قەيسەرلىكىگە تاينىپ، ئاشۇ يېزىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاپالىق سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىر قالاق - مۇتەئەسسىپ كۈچلەر ئۈستىدىن ماھىرلىق بىلەن غەلبە قىلىپ، يىراق تاغلىق يېزىدا مەكتەپ ئېچىپ، ئەۋلادلارنى تەربىيلەش بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. يازغۇچى رومانىدا بارلىقىنى مىللەتنىڭ كەلگۈسى - ياش ئەۋلادلارنى تەربىيلەشكە، خەلقىمىزنى نادانلىقتىن، قالاقلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا بېغىشلىغان ئوقۇتقۇچى ئوبرازىنى ياراتقان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
مېھرىگىياھ | UyghurWiki | UyghurWiki