UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىشۈكۈر يالقىن

شۈكۈر يالقىن

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى شۈكۈر مۆھىدىدىن ئوغلى يالقىن 1917 - يىلى تەشكەنت شەھىرىدە مەرىپەتپەرۋەر ئۆز بېك تېۋىپ ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز شەھىرىدە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قازاقىستان شەھەرلىرىدە ئوقۇپ، ئاندىن موسكۋا پېداگوكىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدۇ. 1930 - يىللاردا ئائىلىسى بىلەن قەشقەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن قەشقەر مەدرىسەلىرىدە بىلىم ئاشۇرىدۇ. 1933 - يىللىرى قەشقەردە تەسىس قىلىنغان «ھىلالى ئەھمەر» دە خىزمەتچى، كېيىن ، مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1934 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا چۆچەككە كۆچۈپ بېرىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدۇ. موسكۋا، تاشكەنت ۋە قەشقەردە ئوقۇغان چاغلىرىدا شەرق، غەرب ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. چۆچەكتە بولغان مەزگىلدە ئۇنىڭ دەۋر روھىغا باي درامىلىرى،شىنجاڭ درامىچىلىقىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ. ئۇنىڭ «ۋەتەن نومۇسى ئۈچۈن»، «ئۆلۈم»، «مۇھىم ھۆججەت»، «شاڭخەي كېچىسى»، «باھار»، «شارلاتان» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. ئۇ سەھنە ئەسەرلىرىدىن باشقا شېئىر، پوۋېست، ھېكايىلەرنى يازىدۇ. ئۇ يازغان سەككىز قىسىملىق «نەسىردىن ئەپەندى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تۆت قىسىمى فىلىملەرشتۈرۈلۇپ قويۇلدى ۋە كىتاب بولۇپ نەشر قىلىندى. شۈكۈر يالقىن 1944 - يىلى چۆچەكتىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، باشتا مائارىپ نازارىتىدە ئىشلەيدۇ، كېيىن مەدەنىيەت كادىرلار يېتىشتۈرۈش مەكتىپىدە، 1945 - يىلىدىن 1955 - يىلىغىچە شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ۋە ئوغۇللار، قىزلار تېخنىكوملىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، تىل - ئەدەبىيات، تېخنىكوملىرىدا ئوقۇتقۇچلىق قىلىپ، تىل - ئەدەبىيات، پېداگوگىكا، پسىخولوگىيە پەنلىرى بويىچە دەرس بېرش بىلەن بىللە قوشۇمچە جۇڭگو ۋېت دوستلۇق جەمئىيىتىدە مۇھەررىرى، تەرجىمن بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1957 - يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا رۇسچە تەھرىر، تەرجىمان، ئۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە يۆتكىلىپ كەسپى يازغۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1991 - يىلى 8 - ئايدا بىرىنچى دەرىجىلىك ئىجادىيەتچى دېگەن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشىدۇ. شۈكۈر يالقىن 2002 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
شۈكۈر يالقىن | UyghurWiki | UyghurWiki