ياسىن ھاجى خۇدابەردى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ياسىن ھاجى خۇدابەردى 1917 - يىلى ئاتۇشتا تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، 1919 - يىلى ئائىلىسى بىلەن ئىلىغا كۆچۈپ چىقىپ، سۈيدۈڭ ناھىيىسىنىڭ كۈرە رايونىدا چوڭ بولىدۇ. 1927 - يىلىدىن 1930 - يىلىغىچە كۈرەدە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋات چىقىرىدۇ. 1932 - يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كۈرەدىن سۈيدۈڭگە كۆچۈپ كىرىپ، 1935 -، 1936 - يىللىرى سۈيدۇڭدە باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1936 - يىلى يازدا غۇلجىدا ئېچىلغان قىسقا مۇددەتلىك ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇيدۇ. كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سۈيدۈڭ خەيرىيەت مەكتىپىدە باشتا ئوقۇتقۇچى 1937 -، 1938 - يىللىرى كېلىپ، ئۆلكىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1940 - يىلى مايدا ئوقۇشنى تاماملىماي تۇرۇپ، «خائىننىڭ ئەۋلادى» بەتنام دېگەن بىلەن باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئالتايغا پالىنىدۇ. 1941 - يىلى 8 - ئايدا ئالتايدا قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە بىر يېرىم يىلىدىن كۆپرەك ياتىدۇ. 1943 - يىلىنىڭ بېشىدا تۈرمىدىن چىقىپ، ئۆز يۇرتى سۈيدۈڭگە بېرىپ، بىر مۇددەت تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1943 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1944 - يىلى 10 - ئايغىچە سۈيدۈڭ ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدا خىزمەت قىلىدۇ. 1944 - يىلى 10 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقلابىغا قاتنىشىپ، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پارتىزانلار ئەترىتىدە سىياسىي رەھبەر بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1945 - يىلى 1 - ئايدا سۈيدۈڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت كاتىپى ھەم ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ناھىيىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولىدۇ. 1948 - يىلى شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقىنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى سۈيدۈڭ ناھىيىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىدا ئالتۇن مېدال بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
ياسىن ھاجى خۇدابەردى 1949 - يىلى شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن غۇلجىغا يۆتكىلىپ، 1953 - يىلىغىچە «ئىلى گېزىتى» نىڭ باشلىقى، غۇلجا شەھەر باشلىقى، ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇل كاتىپى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. 1953 - يىلى 1 - ئايدا خىزمىتى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ، 1956 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، 1958 - يىلى 9 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدە مۇئاۋىن باش كاتىپ، قوشۇمچە خارجى ئىشلار باشقارما باشلىقى 1958 - يىلى 9 - ئايدىن 1999 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. 1963 - يىلى 3 - ئايدىن 1964 - يىلى 10 - ئايغىچە مەركىزى پارتىيە مەكتىپدە ئوقۇيدۇ. 1966 - يىلى 7 - ئايغىچە مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. 1966 - يىلى 7 - ئايدا يەنى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە تارتىپ چىقىرىلىپ، 1971 - يىلى3 - ئايغىچە ئۈرۈمچىدە نازارەت ئاستىدا ئەمگەك قىلىدۇ. 1975 - يىلى 7 - ئايغىچە ئاتالمىش تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۆت يىل تۆت ئاي يالغۇز قامىلىدۇ. 1975 - يىلى 7 - ئايدا ئائىلىسى بىلەن تارىمغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ.
1979 - يىلى ياسىن ھاجى خۇدابەردىنىڭ مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە كېيىنكى يىلى 9 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ. 1983 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭەش ھەيئەت ئەزاسى، 1989 - يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى بولىدۇ.
1990 - يىلى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 73 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.
ياسىن ھاجى خۇدابەردى شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە تەشكىللەش خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىرگە، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، شېئىر، ھېكايە، ئوچېرك، خاتىرە، ئوبزور قاتارلىق كۆپلىگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان.
1939 - يىلى «دېھقان ئاكامغا» نامىلىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىغا كىرىپ كەلگەن ياسىن ھاجى خۇدابەردىنىڭ «بىز باسقان يوللار» ۋە «ھايات ساداسى» ناملىق ئىككى توپلىمى نەشر قىلىندى.