UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىھايات سىرى

ھايات سىرى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، ئابدۇراخمان قاھارنىڭ رومانى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماننىڭ قىسقىچە ۋەقەلىكى مۇنداق: ئاۋۇدۇنبايھاجى غۇلجا بويىچە خېلى مەشھۇر بايلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى كامالىدىن ۋە جامالىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ئايالىدىن بولغان بالىلار، باينىڭ كىچىڭ ئايالى گۈلچېھرە ناھايىتى لاتاپەتلىك، گۈزەل، جەلىپكار ئايال بولۇپ، ئۇ باينىڭ چوڭ ئوغلىدىنمۇ كىچىك. شۇڭا ئۇ، باشقىلارنى ئاسانلا ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالالايدۇ. ئاۋۇدۇنبايھاجى گەرچە ناھايىتى دىيانەتلىك، باشقىلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئادەم بولمىسىمۇ، گۈلچېھرەنىڭ ئۇنىڭغا قىلچە ھېسسىياتى بولمىغاچقا، ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ھېسسيات ئورتاقلىقى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ ئائىلە كۆرۈنۈشتە ناھايىتى تىنىچ - ئىناق بولسىمۇ، ئىچكى جەھەتتە زىددىيەت بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. گۈلچېھرە باينىڭ چوڭ ئوغلى، يەنى ئۆزىنىڭ ئۆگەي ئوغلى بىلەن ناتوغرا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدۇ. باينىڭ قىزى ئەنئەنىۋى قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مالاي بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ، كېيىن بۇ ئىشلار ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. گۈلبوستاننىڭ سۆيگىنى ئەكرەم تۈرمىگە تاشلىنىدۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ كېتىدۇ. كامالىدىن گۈلچېھرە بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كېتىدۇ. مەھكىمە شەرئى بۇ ئۆيدە ناشايان ئىشلار بولغان دەپ ئۆينى ئاستىن - ئۆستىن قىلىۋېتىدۇ. كۆز ئالدىدا بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلار باينى گاراڭ قىلىپ قويىدۇ، باي ئەلەمگە چىدىماي ئېسىلىپ ئۆلۈۋالىدۇ. يازغۇچى مانا مۇشۇ قىزىقارلىق تۇرمۇش ۋەقەلىكى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن كىشلىك تۇرمۇش ۋە ھايات ھەققىدىكى چوڭقۇر ئىزدىنىشلىرىنى ئىپادىلىگەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ۋاستىلىك كۆرسىتىپ بەرگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى