UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىتۇردى قارىي بەگ

تۇردى قارىي بەگ

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى تۇردى قارىي بەگ 1910 - يىلى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ تاتا يېزىسى (يەركەن ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى قاراسۇ يېزىسى) دا تۇغۇلىدۇ. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە قارىيلىقتا ئوقۇپ، دىنىي ئىلىمدە يېتىلىپ، ئەل - يۇرتقا تونۇلىدۇ. كېيىن يۇرت ئاقساقىلى ئەمەت بەگكە كاتىپ بولىدۇ. 1936 - يىلى ئەمەت بەگ بىلەن قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا كۆچۈپ كېلىدۇ ۋە شۇ يەردە توي قىلىدۇ. 1936 - يىلىدىن 1938 - يىلىغىچە كۆكيارلىق قۇربان قارىي ئاخۇنۇمنىڭ ھوزۇرىدا داۋاملىق ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. شۇ دەۋرلەردە قاغىلىق ناھىيىسى شا قومۇش، شاڭ قومۇش دەپ ئىككى چوڭ بەگلىككە بۆلۈنەتتى. تۇردى قارىي بەگ شا قومۇش دېگەن يەرگە بەگ بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تۇردى قارىي بەگ دەپ ئاتىلىدۇ. تۇردى قارىي بەگ ھاشىم ئاخۇن خۇيجاڭ، ئىسھاقجان مۇھەممىدى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە 1945 - يىلى 8 - ئايدا تاشقورغاننى بازا قىلىپ قوزغالغان جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ گومىنداڭغا قارشى تەشكىلاتتىكىلەر بىلەن مەخپىي ئالاقىلىشىدۇ. قوزغىلاڭچىلار يېڭىساردىن ئېشىپ قاغىلىققا كەلگەندە، قاغىلىقنىڭ يەر شارائىتى، گومىنداڭ ھەربىيلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇلارغا ماتېرىيال بېرىپ، قاغىلىقنىڭ ئىشغال قىلىنىشغا ياردەم بېرىدۇ. نەتىجىدە 1945 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كېچىدىن 1946 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئون سائەت ئەتراپىدا جەڭ قىلىپ، قوزغىلاڭچىلار قاغىلىقنى ئازاد قىلىدۇ. قاغىلىق ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، قاغىلىقتىن ئەسكەر ئېلىنىدۇ. بۇ چاغدا ئېلىنغان ئەسكەرلەرگە ھاشىم ئاخۇن خۇيجاڭ باشلىق، تۇردى قارىي بەگ مۇئاۋىن باشلىق، ئىسھاقجان قىسىم دوختۇرى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. كېيىن ئۇزاق ۋاقىت ھەربىي سەپتە بولغان ناسىر ئاخۇن دېگەن كىشى ھاشىم ئاخۇن پولكىدا مۇئاۋىن پوللك نامىدا ئۇرۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. 1946 - يىلى 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى قوزغىلاڭچىلارنىڭ بىر قىسىمى پوسكامغا ھۇجۇم قىلىپ كېتىدۇ. تۇردى قارىي بەگ ھاشىم ئاخۇن خۇيجاڭلار قاغىلىقتا قېلىپ، تەشۋىقات، تەشكىلات ئىشلىرىنى ئىشلەيدۇ. شۇ قېتىم قاغىلىقتىن 4000 گە يېقىن ئەسكەر قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 200 گە قورال تارقىتىپ بېرىلىدۇ. قالغانلىرىغا قورال يېتىشمەي، چوماق ياساپ، چوماق بىلەن جىددىي ھازىرلىق ئۈستىدە تۇرىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي خوتەن گۇمىدىكى گومىنداڭچىلار قاغىلىققا ھۇجۇم قىلغاندا قاغىلىقتىكى قوشۇن چېكىنىدۇ. بۇ كۈنلەردە تۇردى قارىي بەگ، ئىسھاقجان قاتارلىقلار يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ، بەزىلىرى قوشۇنغا ئارىلىشىدۇ. 1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گومىنداڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى تۈزگەن 11 بېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، گومىنداڭ ئىلغارلار دەپ قارىغان 500 دىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلىدۇ. (گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئىپتارغا دېگەن باھانە بىلەن ياشلارنى چاقىرىپ، يۇقىرىقىلارنى قولغا ئالىدۇ.) ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھاشىم ئاخۇن خۇيجاڭ، تۇردى قارىي بەگ، ئىسھاقجان مۇھەممىدى، دوختۇر ئابدۇغوپۇر قاتارلىقلارنى ئايرىم ئۆيگە قامايدۇ. كېيىنكى ۋاقىتتا ئىسھاقجان، ئابدۇغوپۇرلار دوختۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى باشقا يەرگە يۆتكەيدۇ. 1948 - يىلى 9 - ئايلار مۆلچىرىدە تۇردى قارىي بەگ، ھاشىم خۇيجاڭلارنى زەھەرلىك ئوكۇل بىلەن ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ جەسىتىنى ناھىيە بازىرىدىكى قەبرىستانلىققا قويۇشقىمۇ رۇخسەت قىلماي، ھازىرقى چارباغ يېزىسىغا دەپنە قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
تۇردى قارىي بەگ | UyghurWiki | UyghurWiki