ئۇنتۇلغان كىشلەر
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئەخەت تۇردىنىڭ رومانى بولۇپ، 1987 - يىل 9 - ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. روماندا قەشقەر خەلقىنىڭ، جۈملىدىن قۇتلۇق ئەپەندى باشچىلىقىدىكى زىيالىيلارنىڭ، باتۇق باشچىلىقىدىكى دېھقانلارنىڭ 40 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھاپىز جۈيجاڭ ۋەكىللىكىدىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ۋە يەرلىك فېئودال كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرى، كۈرەش جەريانىدا بېسىپ ئۆتكەن ئەگرى - توقاي يوللىرى، سەرگۈزەشتىلىرى جانلىق، ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. روماندا قۇتلۇق ئەپەندى بىلەن باتۇقنىڭ ئوبرازى كۆڭۈل قويۇپ يارىتلغان. قۇتلۇق ئەپەندى شەھەردىكى مەرىپەتپەرۋەر، خەلقچىل، ئىنقىلابىي زىيالىيلارنىڭ ۋەكىلى. باتۇق بولسا زالىم، قانخور ئەمەلدارلارنىڭ دەھشەتلىك زۇلمى ۋە زىيانكەشلىكىگە چىداپ بولالماي، ئۆزلىرىنىڭ ئۆچ - ئىنتىقاملىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەن دېھقانلارنىڭ ۋەكىلى. روماندا پېرسۇناژلارنىڭ، جۈملىدىن ئاساسلىق پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى، خاسلىقى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىنغان ۋە ئىنچىكە تەسۋىرلەنگەن، ۋەقەلىكنىڭ جەلپ قىلارلىق، قىزىقارلىق بولۇشىغا دىققەت قىلىنغان. قىسقىسى، بۇ رومان مەيلى مەزمۇن جەھەتتە بولسۇن، مەيلى شەكلى جەھەتتە بولسۇن، ئاپتورنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان.