ئاقساق بۇغا
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، مۇھەممەت باغراش يازغان پوۋېست بولۇپ، 1989 - يىل 5 - ئايدا شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. يازغۇچى پوۋېستتا ئۆزگىچە، قىزىقارلىق، تەسىرلىك، مەنىلىك سيۇژىت ئارقىلىق ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە ھەم سىرلىق باغلىنىشلارنى، ھاياتتا ھەر ۋاقىت تەھدىت سېلىپ تۇرىدىغان تەبىئىي، ئىجتىمائىي ۋەھىيمىلەرنى، ئادەم ھەل قىلىشقىمۇ، قۇتۇلۇشقىمۇ بولمايدىغان ئىجتىمائىي، پىسخىك مەسىلىلەرنى خېلى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان.