UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئۈمىد يۇلتۇزى

ئۈمىد يۇلتۇزى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، ئابلىكىم سابىرنىڭ تۇنجى رومانى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988 - يىل 1 - ئايدا نەشر قىلغان. روماندا، ئادەمنى ھەم خوشال قىلدىغان، ھەم تازا تىت - تىت قىلىدىغان شىنجاڭنىڭ 1946 - يىلى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، 1 - قىسمىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىقىلابى دەۋرىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ، جۈملىدىن كۇچا خەلقنىڭ تارتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرى، ئىچىنىشلىق تۇرمۇشى رومان قەھرىمانى تۆمۈر قاتارلىقلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن. روماننىڭ 2 - قىسمىدا تۆمۈرنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىلغار زىيالىيلار بىلەن تونۇشقانلىقى، تۈرمىدىكى باتۇرلىقى، تۈرمىدىن چىقىپ تۇراپ شاڭيۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ، خەلقنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش مەقسىتىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ باتۇرانە كۈرەش قىلغانلىقى، ئاخىرىدا سۆيگىنى رەيھان بىلەن ئۇچراشقانلىقى يېزىلغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى