UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىمۇھەممەتئىمىن سوپىزادە

مۇھەممەتئىمىن سوپىزادە

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى مۇھەممەتئىمىن سوپىزادە (1890 - 1940) نەمگان شەھىرى مەھزۇوپ مەھەللىسىدە ئۆلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. ئۇ ئىپتىدائىي دىنىي بىلىمنى ئاتىسى سوپىزادىدىن ئالغاندىن كېيىن قاھىرە مەدرىسەلىرىدە ئوقۇيدۇ ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ قاھىرەدە چىقىدىغان «سىراتەل مۇستەقىم» («توغرا يول») ناملىق گېزىتتە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىدۇ. مۇھەممەتئىمىن سوپىزادە 1930 - يىللارنىڭ باشلىرىدا، قاھىرەدىن قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەردىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرگە ئارىلىشىدۇ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن قاچاقلار، مۇھاجىر ئۆز بېكلەر ئاساسىي سالماقنى، قۇتلۇق شەۋقىگە ئوخشاش يەرلىكلەر ئاز ساننى ئىگىلەيدىغان « ئىستىقلال جەمئىيىتى» نى قۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. تۆمۈر سىلىڭ قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندا قەشقەردە مىللەتلەر مەجلىسى قۇرۇلىدۇ. تۆمۈر سىلىڭ پەخرىي ئەزا بولىدۇ، مۇھەممەتئىمىن سوپىزادە ئىستىقلال جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە مىللەتلەر مەجلىسىدە ئىشلەيدۇ. كېيىن مۇھەممەتئىمىن سوپىزادە ئاقسۇغا بېرىپ، مەكتەپ قۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاقسۇدا 1939 - يىلى قولغا ئېلىنىدۇ. تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاقسۇدا قازا قىلىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى