مامۇت سابىت
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
مامۇت سابىت (1929 - 1998) قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلىدۇ. 1951 - يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، 2 - كورپۇس تەلىم - تەربىيە تۇەنىنىڭ تەرجىمانلىق كۇرىسىدا ئوقۇيدۇ. كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى ۋە شىنجاڭ پەنلەر ئاكادېمىىسىدە ئىشلەيدۇ. 1957 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى تەرجىمە - تەھرىر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 1984 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىگە كىرىدۇ. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن تەرجىمانلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولىدۇ. 1983 - يىلى كاندىدات ئالىي مۇھەررىلىك، 1985 - يىلى ئالىي مۇھەررىرلىك ئۇنۋانىنى ئالىدۇ.
مامۇت سابىت يۇقىرى نەزەرىيە سەۋىيىسىگە، ئەتراپلىق پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرىگە، يۇقىرى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا ۋە مۇھەررىرلىك قابىليىتىگە ئىگە، تەھرىرلىك ۋە تەرجىمانلىقتا ئاساسىي پۇختا بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنى بىر - بىرىگە راۋان تەرجىمە قىلالايتتى.
مامۇت سابىت 30 نەچچە يىللىق تەرجىمە - تەھرىرلىك ھاياتىدا قىممىتى يۇقىرى نۇرغۇن كىتابلارنى تەرجىمە قىلىدۇ، تەھرىرلەيدۇ ۋە بېكىتىدۇ. ئۇ تەھرىرلىگەن «ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە لۇغەت»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانمىلار»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى»، «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى»، «قىزىل مىڭ ئۆي رەسىملىرى ھېكايىلىرى»، «قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، « ئۇيغۇر تائاملىرى» قاتارلىق كىتابلار جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغايدۇ. ئۇ تەرجىمە قىلغان «رامىزاننىڭ ئون يەتتىسى»، «سالاھىددىن»، «قۇرەيش قىزى»، «چەكسىز ئورمان، قارلىق دالا» قاتارلىق كىتابلارمۇ كىتابلارمۇ كىتابخانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. ئۇر تەرجىمە - تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن، تەرجىمە تەھرىرلىك نەزەرىيىسى تەتقىقات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ يازغان «تىلنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش توغرىسىدا بىر قانچە پىكىر»، «ئەدەبىي تەرجىمىدىكى بىر قانچە مەسىلىلەر» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەر ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ.
مامۇت سابىت ھەممە ۋاقىت ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ئادىل، پاك بولۇپ، زادىلا شەخسىيەتچىلىك قىلمايتتى. ئۇ كەمتەر، ئىھتىياتچان بولۇپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولاتتى، يولداشلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى ۋە كۆيۈنەتتى، بولۇپمۇ ياش يولداشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، نۇرغۇن تەرجىمان تەھرىرلەرنى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نەشرىياتچىلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ھەسسە قوشقانىدى.