UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئاي يامغۇرى

ئاي يامغۇرى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، ئەخەت تۇردىنىڭ رومانى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1994 - يىل 1 - ئايدا نەشر قىلىنغان. بۇ رومان 60 - يىللاردىكى سىياسىي كۈرەش ۋەزىيىتىنى ۋە ئاچارچىلىق ئاپىتىنى ئۆزىگە ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، شاۋكەت، ھاۋاز، زايىت قاتارلىق ئەسەر پېرسۇناژلىرىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق، شۇ دەۋرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى، شۇ دەۋر كىشلىرىنىڭ، بولۇپمۇ زىيالىيلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە روھىي دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. رومانىنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى مۇنداق: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شاۋكەت ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئىدىيىدە بولمىغان، قارانىيەت، شەخسىيەتچى ھاۋاز، زايىتلارنىڭ شەخسىي ئۆچمەنلىك، كۈندەشلىكىنى مەنبە قىلغان سىياسىي تۆھمىتىگە ئۇچراپ، بىگۇناھ ئەيىبلىنىپ دەرستىن توختىتىلىدۇ، سوئال - سوراققا تارتىلىدۇ، ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقى ئېتراپقا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن شاۋكەتنىڭ دوستلىرى، ھەققانىيەتنى، ئىلىمنى ياقلايدىغان ئوقۇتقۇچىلار شاۋكەتنى قۇتۇلدۇرۇپ، ھاۋاز، زايىتلارنىڭ سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلىشقا ئاتلىنىدۇ. شاۋكەت ۋەكىللىكىدىكى ھەققىقىي، مەرىپەتپەرۋەر كۈچلەر بىلەن ھاۋاز، زايىت ۋەكىللىكىدىكى چېكىدىن ئاشقان سىياسىي كۈرۈش ئۆتكۈرلىشىپ، بىگۇناھ قىز بادامگۈلنىڭ ئۆلۈمى ۋە شاۋكەت ۋەكىللىكىدىكىلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئۆلۈم ۋە بۇ مەغلۇبىيەت ناھايىتى كۈچلۈك ئېستىتىكىلىق ئۈنۈم پەيدا قىلغان بولۇپ، ئاپتور بۇ ئارقىلىق ئاشۇ يىللاردىكى چېكىدىن ئاشقان سىياسىي كۈرەشنىڭ خەلق ئاممىسىغا، جۈملىدىن زىيالىيلارغا بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەنكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن؛ ئاشۇنداق ئېغىر - يىللاردا بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن يارلىقىنى بېغىشلىغان، ھەقىقەتنى ياقىلىغان ئۈمىدۋار زىيالىيلارغا مەدھىيە ئوقۇغان؛ ئەۋلادلارغا پۇرسەت غەنىيمەت بىلىش، تىرىشىپ ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، شۇنداقلار ئۆزىنىڭ دەۋر، ھايات ھەققىدىكى كۆز قاراش - ئىدىيلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. روماننىڭ تىلى ئاممىباب، روشەن، سيوژىت - قۇرۇلمىسى جانلىق، پېرسۇناژلىرى روشەن خاسلىققا ئىگە بولۇپ، ئەخەت تۇردىنىڭ ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئۇسلۇبىنى نامايان قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى