داشىجاپ
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
داشىجاپ (موڭغۇل) دۆربىلجىن ناھىيىسىدە چارۋىچى ئائىلىسىدە 1912 - يىلى 3 - ئايدا تۇغۇلىدۇ. 1924 - يىلى دۆربىلجىن باشلانغۇچ موڭغۇل مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. 1942 - يىلىغىچە دۆربىلجىن موڭغۇل باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولىدۇ. 1945 - يىلى 2 - ئايدا دۆربىلجىن مىللىي ئارمىيە تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، تارباغاتاي (چۆچەك) گېزىت ئىدارىسىنىڭ موڭغۇل تەھرىر بۆلۈم مەسئۇلى بولىدۇ. 1946 - يىلى چۆچەكتىن ئىلىغا يۆتكىلىپ، <ئىلى گېزىتى> نىڭ موڭغۇل تەھرىرى، قوشۇمچە موڭغۇل ئۇيۇشما باش كاتىپى بولىدۇ. 1947 - يىلى 12 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولىدۇ. 1949 - يىلى شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغاندا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى تەركىبىدە ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. 1949 - يىلى 12 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى، چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى، 1954 - يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 2 - 3 - قېتىملىق مۇئاۋىن رەئىسى بولىدۇ.
1965 - يىلى 9 - ئايدا خىزمەت بىلەن قەشقەرگە بېرىپ، ماشىنا ۋەقەسىدە ۋاپات بولىدۇ.