UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىمۆھىددىن مەخدۇم ھاجى

مۆھىددىن مەخدۇم ھاجى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى مۆھىددىن مەخدۇم ھاجى تاشكەنتلىك، ئۆزبېك، كەسپى تېۋىپ بولۇپ، يىگىتلىك ۋاقىتلىرىدا تۈركىيە، گىرىتسىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپلەردە زىيارەت ۋە ساياھەتتە بولۇپ، كېيىن ھىندىستاننىڭ بومباي، دېھلى شەھەرلىرىدە يەتتە يىل ئىستىقامەت قىلىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. ئۇ ئەرەب، پارس ۋە ئوردۇ تىللىرىنى پىششىق بىلگەندىن سىرت، رۇس، ئىنگلىز تىللىرى جەھەتتىمۇ خىلى مەلۇماتقا ئىگە بولىدۇ. مۆھىددىن مەخدۇم ھاجى شەرىق كلاسسىك ئەدەبىياتىنى قىزىقىپ ئۆگىنىدۇ. مۆھىددىن 1930 - يىللاردا ئائىلىسىنى ئېلىپ قەشقەرگە كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» ھۆكۈمىتىدە مەسئۇل دوختۇر - تېۋىپ بولىدۇ (كېيىنكى ئەھۋال نامەلۇم).
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى