سىدىق مۇسايوف
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
سىدىق مۇسايوف 1914 - يىلى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلىدۇ. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە، موللا خەلىپەتتە ئوقۇيدۇ، كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ 30 - يىللاردىكى يېڭى مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۆھپە قوشىدۇ. 1946 - يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى تىنچلىق بىتىمى تۈزگەندە، بىتىمغا جەنۇبىي شىنجاڭ ۋەكىلى بولۇپ قاتنىشىدۇ. شۇ يىلى ئۆلكىلىك كېڭەش ئەزاسى بولىدۇ. بىتىم بۇزۇلغاندىن كېيىن غۇلجىغا كېتىپ، توققۇزتاراغا ھاكىم بولىدۇ. 1950 - يىلى 2 - ئايدا كومپارتىيىگە ئەزا بولغاندىن كېيىن قەشقەر، يېڭىشەر، توققۇزاق ناھىيىلىرىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، قەشقەر ھەربىي ئىدارە قىلىش ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، يەركەن ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئەدلىيە ۋە خەلق ئىشلار نازىرى، مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق 2 -، 3 -، 4 - نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. 2000 - يىلى 86 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولىدۇ