UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئاشۇ كۈنلەردە

ئاشۇ كۈنلەردە

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، ئابدۇساتتار ھامىدىن يازغان رومان بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1988 - يىل 2 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا مۇنداق ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ: ئاقسۇنىڭ قىزىل دەريا دېگەن يېرىگە جاڭ ۋېندا ئامبال بولۇپ كېلىدۇ ۋە يۇرتتىكى مەسۇم مىتە، ئەلەم ئاخۇن قاتارلىق ئەكسىيەتچىلەر بىلەن بىرلىشىپ، خەلقنى قاتتىق ئېزىدۇ. ئەرشىدىن، سايىم، ئادىل قاتارلىق ئىلغار كىشلەر بولسا خەلق مەنپەئىتى تەرەپتە تۇرۇپ، ئەكسىيەتچىلەر بىلەن تىغمۇتىغ ئېلىشىدۇ، كېيىن قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە بۇ يۇرتتىمۇ قوزغىلاڭ پارتىلايدۇ، ئەمما قوزغىلاڭنىڭ مېۋىسى يەنىلا جڭ ۋېندا قاتارلىق ئەكسىيەتچىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ھاياتتا يېڭىلىق بولماقتا يوق، زۇلۇم تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئازاب تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. ئاخىر ئىلىدا پارتىلىغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە گومىنداڭ بىلەن تۈزۈلگەن بېتىمگە ئاساسەن، قىزىل دەريادا يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنىپ، ئەرشىدىن ھاكىم بولۇپ سايلىنىدۇ، ئەمما جاڭ ۋېندا، مەسۇم قاتارلىقلار مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، خىلمۇ خىل سۇيىقەستلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەرشىدىن، ئادىل قاتارلىق ئىلغار كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولىدۇ، لېكىن خەلق ئاممىسىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. بىتىم بۇزۇلغاندىن كېيىن، خەلق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ جاڭ ۋېندا باشچىلىقىدىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنى يوقىتىپ، ئىنقىلاب يولىغا ماڭىدۇ. بۇ روماندا مانا مۇشۇ ۋەقەلىك ئارقىلىق ئەينى يىللاردىكى ئومۇمىي ۋەزىيەت كۆرسىتىلىپ، خەلق ئىنقىلابىي غەلبىسىنىڭ مۇقەررەرلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرەش روھى مەدھىيلەنگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئاشۇ كۈنلەردە | UyghurWiki | UyghurWiki