سەھەر
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، كوللېكتىپ ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، <تارىم> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا سوۋغا سۈپىتىدە تۈزۈپ، نەشرگە تەييارلىغان، مىللەتلەر نەشرىياتى 1985 - يىل 9 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا ئابلىمىت مەسئۇدى، زۇنۇن قادىرى، ئەخەت تۇردى قاتارلىق كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ <ئازاد يېزىنىڭ قىزى>، <چېنىقىش>، <ھاياتنىڭ باشلىنىشى>، <قىساس>، <تۇمانلىق قىرغاق>، <نۇر> قاتارلىق ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگەن.