UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئابدۇخېۋىر داموللا ھاجىم

ئابدۇخېۋىر داموللا ھاجىم

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى ئابدۇخېۋىر داموللا ھاجىم 1900 - يىلى توقسۇن ناھىيە يىلانلىق يېزا خېتىپ كارىزدا ھەسەن ئىسىملىك بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېىلىدۇ. ئۇ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن يىلانلىقتىكى بوستان مەدرىسىدە دىنىي بىلىم ئالىدۇ. 1924 - يىلى قەشقەر خانلىق مەدرىسەگە بېرىپ بىر مەزگىل ئوقۇغان كېيىن ھىندىستانغا بېرىپ، <دىئوبەن> دىنىي ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. 1925 - يىلى ھەج تاۋاپ قىلىدۇ. ھەج تاۋاپتىن كېيىن 1929 - يىلىغىچە دىئوبەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋاملىق ئوقۇپ، مەۋلۇۋى ئۇنىۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئابدۇخېۋىر داموللا ھاجىم 1929 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ، ساۋاقداشلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن خوتەن كېرىيەدە قىلىپ، كېرىيە جامەسىدە ئۈچ يىل مۇدەررىس بولىدۇ. شۇ مەزگىلدە كېرىيىلىك ئىززەتخان ھاجى ئىسىملىك ئايال بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي شىنجاڭنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن ئايالىنىڭ ئىقتىسادى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا چىقىپ كېتىپ، 15 يىللىق ھاياتىنى مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئېلىش ۋە ھەر قايسى سورۇنلاردا قىلغان تەبلىغلىرى بىلەن كەڭ دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئېتراپ قىلىشى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانىكەن. كېيىنكى ۋاقىتتا ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى ھەسەن Ⅲ نىڭ كۆرسىتىشى بىلەن باش مۇدەررىس ۋە پادىشاھى ھەسەننىڭ دىنىي مەسلىھەتچىسى بولىدۇ. ئابدۇخېۋىر داموللا ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستاندا بولغان مەزگىلىدە ئىسلام ئالىملىرى ئىچىدە يېشىلمىگەن مۇرەككەپ دىنىي مەسىلىلەرگە يەشمە بېرىپ، ئىسلام ئەھلى ۋە ئالىملىرى ئىچىدە شۆھرەت قازىنىدۇ. ئابدۇخېۋىر داموللا ھاجى سەئۇدى ئەرەبىساندا ئۆتكۈزگەن 15 يىللىق ھاياتىدا ئون قېتىم ھەج قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ ۋە 1949 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىساندا تۇرۇپ قالغان بىر قىسىم جۇڭگولۇق ھاجىلار بىلەن بىرگە، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ۋەتەنگە قايتىش توغرىسىدا ئىلتىماس سونىدۇ. 1949 - يىلى 3 - ئايدا سەپەرداشلىرى بىلەن بىللە سىنگاپور، شىياڭگاڭ ئارقىلىق شاڭخەيگە كېلىپ، شىنجاڭغا چىقىدۇ. بۇ چاغدا سابىق ئۆلىكىك ھۆكۈمەت ۋەتەنگە قايتقان بۇ كىشىلەرگە زور ئىلتىپات كۆرسىتىدۇ. ئابدۇخېۋىر داموللا ھاجى تۇغۇلغان يۇرتى يىلانلىق خېتىپ كارىزغا كەلگەندە خەلق زور داقا - دۇمباق بىلەن قارشى ئېلىپ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان تۇرالغۇ ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. 1949 - يىلى 10 - ئايدا ئازادلىق ئارمىيە قۇمۇلغا يېتىپ كەلگەندە، توقسۇن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھال سوراش ئۆمىكى تەشكىللەيدۇ ۋە ئابدۇخېۋىر داموللا ھاجىم مەزكور ئۆمەك تەركىبىدە قۇمۇلغا بېرىپ، ئازادلىق ئارمىيىدىن ھال سوراش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن ئابدۇخېۋىر داموللا ھاقىم يېڭى ھۆكۈمەتنى قىزغىن قوللايدۇ. شۇڭا، توقسۇن خەلقى ئۇنى 1951 - يىلى 3 - ئايدا ناھىيە بويىچە ئېچىلغان خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل قىلىپ سايلايدۇ. 1957 - يىلى توقسۇن ناھىيىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا، ئابدۇخېۋىر داموللا ھاجىم مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلىنىدۇ. يەنە شۇ يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭەشنىڭ ھەيئىتى 3 - قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ يىغىنغا قاتنىشىدۇ ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولىدۇ. ئابدۇخېۋىر دامۇللا ھاجىم <تۆت كىشلىك گۇرۇھ> نىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قولغا ئېلىنىپ، 1971 - يىلى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى توقسۇندا تۈرمىدە 71 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. 1980 - يىلى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سىياسەتنى ئەمەلىيەلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇنىڭغا چاپلانغان بەتناملار بىكار قىلىنىپ، نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى