مۇتىئۇللا قارىي ھاجى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
مۇتىئۇللا قارىي ھاجى 1903 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ تۇرپانقىر كەنتىدە تۇغۇلۇپ، 1909 - يىلىدىن 1915 - يىلىغىچە باشلانغۇچ دىنى مەكتەپتە، 1915 - يىلىدىن 1919 - يىلىغىچە ئاستانە، قاراغۇجالاردا ئوتتۇرا دەرىجىلىك دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ، قارىي ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. 1924 - يىلىغىچە باغىر «مەدرىسە» دە پارسچە، ئەرەبچە ئۆگىنىدۇ. 1924 - يىلىدىن 1928 - يىلىغىچە پىچان ناھىيىسىنىڭ لەمچىندىكى سۇ بېشى كەنتىدە ئاتاقلىق تېۋىپ مەخسۇت ئاخۇننىڭ 6 - ئەۋلادى ئابلىمىت ئاخۇننىڭ يېنىدا تۆت يىل تۇرۇپ تېبابەتچىلىكنى ئۆگىنىدۇ.
تېبابەت ئىلىمىنى خەتمە قىلغان (ئىمتىھان بەرگەن) دىن كېيىن تۇرپان بازار ئىچىدە شەخسىي تېۋىپلىق قىلىدۇ. 1957 - يىلى تۇرپان يېڭى شەھەردىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيىسىدە 1958 - يىلىدىن 1962 - يىلىغىچە تۇرپان ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى شەھەر تېبابەتچىلىك ئامبۇلاتورىيىسىدە 1980 - يىلىغىچە يار رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئۇيغۇر تېبابەت بۆلۈمىدە، 1981 - يىلىدىن كېيىن تۇرپان شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدۇ. 1983 - يىلى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مۇدىر ۋىراچ ئۇنۋانىنى ئالىدۇ. مۇتىئۇللا قارىي ھاجىم ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلاپ، ئۇيغۇر تېبابەت بىلەن شۇغۇللانغان 64 يىللىق ھاياتىدا ئۇيغۇر، ئەرەب، پارس تىللىرىدىكى تېبابەتكە دائىر كىتابلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمى نەزەرىيىسىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەيدۇ، بولۇپمۇ ئاشقازان، قان تومۇر، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، ئاياللار كېسەللىكى، نېرۋا كېسەللىكى، رېماتىزم، سۈيدۈك يولى سىستېمىسى كېسەللىكىدە ئاز بولمىغان كىلىنكىلىق داۋالاش تەجرىبىلىرىنى توپلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى قېزىش، تەتقىق قىلىش، رەتلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولماقتا ۋە شاگىرت يېتىشتۈرمەكتە.