ئابدۇمۇتالى خەلىپەم
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئابدۇمۇتالى خەلىپەم غۇلجا شەھىرىدىكى مەشھۇر تەرەققىيپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ بىرسى. ئۇ 1967 - يىلى قورغاس مازار يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. دەسلەپ موللا ئېلى، كېيىن نىزامىدىن ئاخۇنۇمدىن دىنىي تەلىم، ئابدۇراخمان داموللامدىن دىنىي ھەم پەننىي بىلىم ئالىدۇ. 1895 - يىلىدىن 1938 - يىلىغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مۇئەللىم ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ، پەننىي مەكتەپلەرنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىم ئىلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ. 1930 - يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ قورۇ - جايىنى مەكتەپكە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ مەكتەپ <ئابدۇمۇتالى مەكتىپى> (ھازىرقى غۇلجا شەھىرىدىكى 4 - باشلانغۇچ مەكتەپ)، كېيىنچە <تائالىيە مەكتىپى> دەپ ئاتىلىدۇ. ئابدۇمۇتالى خەلىپەم 1920 - يىلى <ئىلىم ھال> نى (ئىككى كىتاب) يېزىپ، شۇ يىلى ھۆسۈيۈنبەگ يۇنۇسوپ مەتبەسىدە باستۇرۇپ تارقىتىلىدۇ. ئۇ مىللىي مىراسلارنى، بولۇپمۇ ئەدەبىيات، تارىخ ۋە مائارىپقا ئالاقىدار مىراسلارنى يىغىپ ساقلاشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپنىڭ <غازات دەرمۈلكى چىن>، <نۇزۈگۇم>، <چاڭموزا>، <غەزەلىيات> قاتارلىق ئەسەرلىرىنى، موللا ئىلىنىڭ <مەھزۇن - گۇلنىسا> داستانى بىلەن بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ساقلايدۇ.
ئابدۇمۇتالى خەلىپەم ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە ھۆكۈمەت ئەزاسى، دىن نازارىتىنىڭ نازىرى، ئازادلىقتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭەشنىڭ، مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ.
ئۇ 1960 - يىلى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.