ئىنايتۇللا ھەلىمى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
1922 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئىنايتۇللا ھەلىمى 1924 - يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستىغا كۆچۈپ چىقىدۇ. ئۇ شۇ يەردە لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئۆزبېك يېڭى يېزىقىدا ئوقۇپ ساۋات چىقىرىدۇ. 1933 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، قەشقەر ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرغان نوربېشىدىكى يېڭىچە مەكتەپتە، 1935 - 1936 - يىللىرى قەشقەر ئوردا ئىشىكىدە ئېچىلغان دارىلمۇئەللىمىنىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن دورىگەرلىك كەچ كۇرسىدا ئوقۇيدۇ. كېيىن دوختۇر يېتىشمىگەچكە ئۇنى تۆت ساۋاقدىشى بىلەن بىللە ۋلايەتلىك دوختۇرخانىغا ياردەملىشىشىگە ئېلىپ قالىدۇ. كېيىن ئىنايتۇللا ھەلىمى مۇتەخەسسىسلىرىگە رۇسچە تەرجىمان بولىدۇ. 1941 - يىلىدىن 1950 - يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا باش بوغالتىر، دورىخانىغا مۇدىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ يىللارا قەشقەر، خوتەن، يەكەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا تىبىي دورىگەرلەرنى يېتىشتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، كۆپلىگەن دورىگەرلەرنى تەربىيىلەيدۇ. 1950 - يىلى 9 - ئايدا سەھىيە نازارىتىگە يۆتكىلىپ، ئۇ يەردە 34 يىل ئىشلەپ، 1984 - يىلى ئائىلىسى قەشقەردە بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر شىپاخانىسىگە يۆتكىلىدۇ. 1989 - يىلى 8 - ئايدا پىنسىيىگە چىقىدۇ.
ئىنايتۇللا ھەلىمى 54 - يىللىق خىزمەت ھاياتىدا تىرىشىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، رۇس، خەنزۇ، ئەرەب ۋە قىسمەن پارس تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئۆگەنگەن بىلىمىنى ئۆزى قىزىققان تىببىي ساھەدە ئىشلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ساقلىق ساقلاش، تىببىي دورىگەرلىك خىزمىتىگە تۆھپە قوشىدۇ، بولۇپمۇ تېببىي ئىلىم، تەرجىمە، تەھرىرلىك، لۇغەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە تېببىي ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ھەسسە قوشىدۇ.
ئىنايتۇللا ھەلىمى يالغۇزلا تېببىي خادىم بولۇپ قالماستىن، ئۇ تەتقىقاتچى ۋە 40 - يىللاردا كۆپلىگەن شېئىرلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ئىدى.
ئىنايتۇللا ھەلىمى 54 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا، ئاپتونوم رايونلۇق دورىگەرلىك جەمئىيىتىنى ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تېبابەت ئىلىمى جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن باش كاتىپى، قەشقەر ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنىدى.