UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىسىدىقجان خوجا

سىدىقجان خوجا

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى سىدىقجان خوجا (ئۆزبېك) كونا ئەنجاندا 1890 - يىللاردا تۇغۇلىدۇ. 1920 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەھەممەت ئىمىن ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن (سىدىقجان ئۇنى ئاكام دەيتتى) قەشقەرگە كېلىدۇ. كېيىن قاغىلىقتىكى چارروسىيە دەۋرىدە كەلگەن خالمەت ئىشان دېگەن كىشىنى پىر - ئۇستاز تۇتۇپ، تەرىقەت يولغا ماڭىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇستازدىن دۇئا ئېلىپ تاشقورغانغا بېرىپ، ئۆزىنى سەيىد (پەيغەمبەر ئەۋلادى) دەپ ئېلان قىلىپ، سوپىزم - ئىشانلىقىنى تەرغىب قىلىدۇ. سىدىقجان خوجىنىڭ ئاكىسى مەھەممەت ئىمىن شامەڭسۇر باشچىلىقىدىكى خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى قاغىلىققا كەلگەندە، 20 دەك ئەسكەر بىلەن شامەڭسۇرغا قوشۇلىدۇ ۋە شامەڭسۇر بىلەن بىللە قەشقەرگە بارىدۇ. يىڭىسار ئۇرۇشىدا شامەڭسۇر بىلەن بىللە ئۆلىدۇ. سىدىقجان خوجا بىر قانچە يىل ئېچىدىلا يەكەن، قاغىلىق، تاشقورغاندىن يەر - زېمىن، مال - چارۋا قىلىپ باي بولىدۇ. يەرلىك خەلق، بولۇپمۇ تاشقورغان ئەتراپىدىكى خەلقلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئۇلۇغ كىشىگە ئايلىنىدۇ. سىدىقجان خوجا ئايدا بىر - ئىككى قېتىم تاشقورغاننىڭ چەت ئەل بىلەن بولغان چېگرا رايونلىرىنى ئايلىنىپ، چىگرا رايونىدىكى مۇرىتلىرىنى يوقلاپ تۇرىدۇ. 1935 - يىلى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئۇنى قولغا ئالىدۇ. 1939 - يىلى تۈرمىدىن بوشىنىپ چىقىپ تاشقورغانغا بېرىپ ئىشانلىقنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇ يىللاردا مۇرىت - مۇخلىسلىرىغا <ئازاتلىق، ئەركىنلىك> ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىدىيىسىنى سىڭدۈرىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى كىرگۈزگەن غۇلامخان تۆرە باشچىلىقىدىكى تولۇق قوراللانغان قوشۇن 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تاشقورغاننى ئىشغال قىلغاندا، سىدىقجان دەسلەپ يوشۇرۇن ھالدا يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، بېدە - سامان بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىنقىلابچىلار ئويتاغ (قەشقەر) لىنىيە، قىزىل تاغ(يېڭىسار، يەكەننى ئاساس قىلغان) لىنىيىگە ئايرىلىپ، يۈرۈش قىلغاندىن تارتىپ تا 1946 - يىلى 7 - ئايغىچە تاشقورغاننى بازى قىلغان پارتىزانلارنىڭ تاشقورغاندىن يەكەن، قاغىلىققا بارغۇچە بولغان ئارقا سەپ تەمىناتى سىدىقجان خوجىنىڭ مۇرىت - مۇخلىسلىرى تەرىپىدىن ھەل قىلىنىدۇ. تاشقورغان ئازاد قىلىنىپ، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، سىدىقجان خوجا ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. كېيىن خەلق سايلىغان مىللىي ھۆكۈمەت باشلىقى كارۋانشاھ بەگ (تاجىك) نىڭ ۋەزىپىسى سىدىقجان خوجامنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ، يەنى سىدىقجان خوجا شۇ چاغدىلا ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ ۋە 1947 - يىلى ئۆلكىلىك كېڭەش ۋەكىلى بولۇپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. كېيىن ئىلىغا بارىدۇ. 1948 - يىلى 26 - ئاۋغۇسىت ئىلىدا ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ تەزىيە نۇتقى سۆزلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى