UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىخېۋىر تۆمۈر

خېۋىر تۆمۈر

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى خېۋىر تۆمۈر 1922 - يىلى توقسۇن ناھىيىسىنىڭ يېڭى مەھەللە دېگەن يېرىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. كۇچا، توقسۇن قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ. 1939 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمننى پۈتتۈرۈپ توقسۇن ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. 1944 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى گېزىت - ژۇرناللاردا كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلايدۇ. ئۇ 1945 - يىلى توقسۇندىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ، مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا مۇھەررىرىلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئازادلىقىتىن بۇرۇن ئۇنىڭ «بالا»، «ئالدانغان چولپا،». «تىنچلىق»، «يولۋاس ئۇخلاپ ياتتى» قاتارلىق ھېكايە، داستانلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. خېۋىر تۆمۈر پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومومىي يىغىنىدىن كېيىن قولىغا قايتىدىن قەلەم ئېلىپ، پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېرىلىپ ئىجادىيەت شۇغۇللاندى ۋە «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە» ناملىق ئىككى توملۇق ئەسىرى، «ئابدۇقادىر داموللام» ناملىق تارىخىي قىسسىسى، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ناملىق تەرجىمىھالى خاراكتېرلىك قىسسىسى، «تاڭ ئالدىدا» ناملىق پوۋېستى نەشر قىلىندى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى «بۇلاق» مەجمۇئەسىدە «ئابدۇقادىر موللا» ناملىق تارىخىي ئوچىرك، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە «خىدىسىخان»، «كۈلپەتلىك يىللار»، «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا «بىر مەيدان پۇت مۇسابىقىسى»، «ياقۇپبەگ ۋە موللا مۇھەمەتياز خەلىپە» قاتارلىق ئەسەرلىرى، «شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلىدا «موللا زەيدىن» ناملىق كىنو سىنارىيىسى، «ئىككى ئانا»، «كەلدى باھار» ناملىق درامىلىرى، «تارىم» ژۇرنىلىدا «ئالتۇن ئەقىل»، «سۈرەت»، «تۇغقان»، «ۋاقتىم يوق» قاتارلىق ھېكايە، شېئىرلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ پەزىلەتلىك، كەمتەر، تىرىشچان يازغۇچى 1992 - يىلى 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن 70 يېشىدا ۋاپات بولدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
خېۋىر تۆمۈر | UyghurWiki | UyghurWiki