ئارچا ياپرىقى
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، زوردۇن سابىرنىڭ پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984 - يىل 1 - ئايدا نەشر قىلىنغان. يازغۇچىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن بۇ توپلامغا <خەيرلىك ئىش>، <سۇبھى>، <ئارچا ياپرىقى>، <ۋاپادارلىق> قاتارلىق تۆت پارچە پوۋېستى كىرگۈزۈلگەن. پوۋېستلارنىڭ يېزا ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى دېھقانلارنىڭ يېڭىچە تۇرمۇشى، زىيالىيلارنىڭ ئائىلە - مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرى؛ يەنە بەزىلىرىدە ئاددىي كىشلەرنىڭ چىن، ئىنسانىي مۇھەببىتى، ۋاپادارلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.