ئەنۋەر خانبابا
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئەنۋەر خانبابا (ئۆزبېك) 1918 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە تۇغۇلىدۇ. بالا ۋاقتىدا دادىسى رەخىسى بابا ۋاپات بولىدۇ. 1927 - يىلى بوۋىسى بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىگە كېلىپ، تۇرسۇن بابانىڭ تەربىيىسىدە بولىدۇ. ئۇ ئۈرۈمچى گىمنازىيىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1935 - يىلى ئەسئەت ئىسھاقوۋ، ئۇيغۇر سايرانى، نۇسرەت شەھىدى قاتارلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن موسكۋاغا ئوقۇشقا بارىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، 1944 - يىلى 12 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىدۇ. 1949 - يىلى 12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولىدۇ. ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى مائارىپ نازارىتىدە بۆلۈم باشلىقى، ئىلى ۋىلايىتى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە مەدەنىيەت - مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ۋە پارتىيە گورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەدەنىيەت - مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق 1 -، 2 -. 3 -، 4 -، 5 - نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك 2 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. ئۇ 1988 - يىلى پېنسىيىگە چىقىدۇ.