ئەلۋىدا، كۆز يېشىم
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئەخەت تۇردىنىڭ ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991 - يىل 3 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا ئەخەت تۇردىنىڭ كېيىنكى يىللاردا يازغان، جەمئىيەتتە خېلى چوڭ تەسىر قوزغىغان <خەير - خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان>، <قىزىق ئىشلار>، <ئالۋاستىغا يولۇققان ئادەم> قاتارلىق ھېكايىلرى كىرگۈزۈلگەن. توپلامدىكى ھېكايىلاردا جەمئىيەتتىكى چىرىكلىك ھادىسلىرى ناھايىتى جانلىق تەنقىد قىلىنغان. <ئەلۋىدا، كۆز يېشىم> پوۋېستىدا تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن سىناقلىرىغا، زەربىسىگە ئۇچرىغان ئايال قارىيەنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىيىتىدىن يېنىپ، كۆز ياشلىرى بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى ھاياتقا قەدەم باسقانلىقى يېزىلغان.