UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىكۈن شەرقتىن چىقىدۇ

كۈن شەرقتىن چىقىدۇ

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، مالىك كېۋىرنىڭ رومانى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1988 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلىنغان. ئۇ، مالىك كېۋىرنىڭ تۇنجى يىرىك ئەسىرى بولۇپ، روماندا ئازادلىقتىن كېيىن كوممۇنستىك پارتىيىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن تۇنجى ئەۋلاد نېفىت ئىنژېنېرى ئالىم ۋە ئۇنىڭ يولدىشى رازىيەنىڭ باشتىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل شارائىتتا، ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقىدا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر خىل قايمۇقتۇرۇشلارغا، توسالغۇلارغا باش ئەگمەي، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا جان پىدالىق بىلەن ئىشلەپ، ئاخىر غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدەك جانلىق تۇرمۇش مەزىرىسى تەسۋىرلەنگەن. روماننىڭ ئىدىيىۋى خاھىشى روشەن، قۇرۇلمىسى ئاددىي، تىلى راۋان، ئاممىباب، تەپسىلاتلىرى تەپسىلىي، پېرسۇناژلىرى روشەن خاسلىققا ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى