UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىمىجىت مۇسابايوف

مىجىت مۇسابايوف

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى مىجىت مۇسابايوف 1914 - يىلى قەشقەر ئۈستۈن ئاتۇش (ئۇ يىللاردا ئۈستۈن ئاتۇش قەشقەرگە، ئاستىن ئاتۇش پەيزىۋات ناھىيىسىگە قارايتتى) ئىكساق كەنتىدە ھۈسەن مۇسابايوف ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. ئىكساقتا ئېچىلغان پەننىي مەكتەپتە ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن 1928 - يىلى تۈركىيىگە بېرىپ، ئىستامبول شەھىرىدە كۆن - خۇرۇم تېخنىك مەكتىپىدە مەخسۇس تېرە، خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى ۋە زاۋۇت باشقۇرۇش ئىلىمىنى ئۆگىنىدۇ. 1935 - يىلىدىن 1943 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلى تېرە زاۋۇتىدا (مۇسابايوف زاۋۇتىدا) باش مېخانىك (ماستېر) ۋە زاۋۇت باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ، زاۋۇتنىڭ تېخنىكىلىق قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۈنۈمدار زاۋۇتقا ئايلاندۇرىدۇ. مىجىت مۇسابايوف 1943 - يىلى ئىلى تېرە زاۋۇتىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، نىلقا ئولاستايدا شەخسى تېرە زاۋۇتى قۇرىدۇ. ئۇنىڭ تېرە زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان ماللارنىڭ سۈپىتى يۇقىرى بولۇپ، چوڭ شۆھرىتى قازىنىدۇ. 1947 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئۇنى ئىلى تېرە زاۋۇتىغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ 1954 - يىلىغىچە ئىلى تېرە زاۋۇتىدا ماستېر بولىدۇ. 1954 - يىلى ئىلى تېرە زاۋۇتى ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسلار شېرىكچىلىكىگە ئۆتكەندىن كېيىن پايچىكلار ۋەكىلى ۋە تېرە زاۋۇتىنىڭ باش مۇدىرى بولىدۇ. 1963 - يىلى 8 - ئايدا خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ، 1973 - يىلى تاشكەنتتە 60 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى