UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىئىسھاقجان مەھمۇدى

ئىسھاقجان مەھمۇدى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى ئىسھاقجان مەھمۇدى 1922 - يىلى 5 - ئايدا يەكەن ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ، 1938 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىننى، 1943 - يىلى ئۈرۈمچى ھورىگەرلىك مەكتىپىنى، 1955 - يىلى تيەنجىن تېرە تاناسىل سىنىپىنى پۈتتۈرىدۇ. 1946 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تاشقورغان مىللىي ئارمىيە قىسمىدا مايور (شاۋ شاۋ) دەرىجە بىلەن ھەربىي دوختۇر ۋە باش شىتاب داۋالاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 1947 - يىلى گومىنداڭ تەرىپىدىن قامىلىپ، 1949 - يىلى قويۇپ بېرىلىدۇ. 1950 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولىدۇ ۋە شۇ يىلىدىن باشلاپ يەكەن ۋالىي مەھكىمە سەھىيە بۆلۈم باشلىقى، ۋىلايەتلىك دوختۇرخانا باشلىقى، 1954 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمە سەھىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 1956 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، مۇئاۋىن نازىر، نازىر، نازارەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوشۇمچە يەرلىك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەم ئىشخانا مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق 3 -، 5 -، 7 - قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا كومىتېتى كەسپى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، پەخرىي مەسلىھەتچىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو تېبابەت قامۇسىنىڭ تەھرىرى، ئۇيغۇر تېبابەت جەمئىيىتىنىڭ مۇھەررىرلەر باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. ئۇ ئالىي تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە بولۇپ، سەھىيە تېخنىكا باشقۇرۇش مۇدىر ۋىراچ ئۇنۋانىنى ئالىدۇ
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
ئىسھاقجان مەھمۇدى | UyghurWiki | UyghurWiki