ئانا ۋە بالا
ئۇيغۇر ئويۇنلىرى
بۇ، كوللېكتىپ درامىلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1982 - يىل 12 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا مۇھەممەت تاتلىق ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىققان <ئانا ۋە بالا> ناملىق دراما، تۇردى سامساقنىڭ <ئۆي ئىشىمۇ ئىش> درامىسى، تەلئەت ناسىرىنىڭ <يارمۇھەممەت كاس - كاس> درامىسى، ئىمىن راشىدىننىڭ <مۇلايىم چاققان> درامىسى، مۇھەممەت روزىنىڭ <ئورۇق ۋە سېمىز> درامىسى، مۇھەممەتئېلى زۇنۇننىڭ <ھەسىنىكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىقمۇ> درامىسى، جالالىدىن جارۇللانىڭ <يېڭىلىق> درامىسى كىرگۈزۈلگەن.