UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر ئەسەرلىرىتەڭرىنىڭ ھۆكمى

تەڭرىنىڭ ھۆكمى

ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بۇ، توختى ئايوپنىڭ رومانى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1994 - يىل 2 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماندا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، شۇ دەۋرنىڭ، شۇ دەۋر كىشلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردە تارتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرى، ۋەيرانچىلىقلىرى جانلىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن، كىشلىك ھاياتنىڭ ئىنسان ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىدىكى مۇرەككەپلىكى، ئەگرى - توقايلىقى ۋە تاسادىپىيلىقلار بىلەن تولغانلىقى، ئىنسانلار ئارىسىدىكى زىددىيەت ۋە كۈرەشنىڭ نوقۇل ھالدىلا بىرەر سىياسىي - ئىجتىمائىي بوران - چاپقۇنغىلا باغلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى ۋۇجۇدىدا تەبىئىي بارلىقى ئىپادىلەنگەن. روماننىڭ باش قەھرىمانى قادىر بولۇپ، ئەسەرنىڭ سيۇژىت لىنىيىسى ئۇنىڭ ئەسلىمىسى، خىيال - تەسەۋۇرلىرى، چۈشى ۋە ېئال كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا راۋاجلاندۇرۇلغان. بۇ روماننىڭ بەدىئىيلىكىمۇ خېلى ئۈستۈن بولۇپ، ئەنئەنىۋى بايان، قۇرۇلما شەكلى بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئاڭ سەكرەتمىلىكى بويىچە قۇرۇلما ھاسىل قىلىنىپ، ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكى، سېھرىي كۈچى ئاشۇرۇلغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر ئەسەرلىرى